ئوكتاي توگنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى تەبرىكلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ياساش گورۇھى (Togg) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى گۈرجان قاراقاشقا تېلېفون قىلىپ، تەبرىكلىدى.

1758745
ئوكتاي توگنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ياساش گۇرۇھى (Togg) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى گۈرجان قاراقاش بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىلار ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە (CES 2022) توگنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىشىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يەرشارىۋى كۆچمە ماركىسى بولۇش نىشانىنى بويلاپ سەپەرگە ئاتلانغان توگنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا تۆھپە قوشقانلارنىڭ ھەممىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئوكتاي، تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيە سېلىنمىلىرى بىلەن دۇنيادا داڭ چىقارغان دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر