تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 137 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 137 كىشىىگە يەتتى.

1757161
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 137 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 382 مىڭ 888 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 54 مىڭ 524 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 26 مىڭ 561 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 133 مىليون 551 مىڭ 202 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر