مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1757496
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مىنىستىر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە چاقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى يىغىنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.