ئوكتاي ئەرسوينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئىستىقلال مارشى شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1753219
ئوكتاي ئەرسوينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋەتەن سۆيگۈسى پۇراپ تۇرىدىغان مىسرالىرى بىلەن پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ۋە قەلبلىرىمىزنىڭ تۆرىدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان ئىستىقلال شائىرىمىز <دۆلەت شېئىرى> شائىرىمىز مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى، ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85  -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ مىللىتىمىزگە مىراس قالدۇرغان پىكىرلىرى، ئەسەرلىرى ۋە مىللىي كۈرەش روھىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ياشىتىش، مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر