فاخرەتتىن ئالتۇن: تۈركىيە ئەمدىلىكتە ئويۇن بۇزغۇچى ئەمەس، ئويۇن قۇرغۇچى دۆلەتتۇر

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن كۈچلۈك بىر ئاتلىنىش بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ «تۈركىيە دەۋرى» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1753110
فاخرەتتىن ئالتۇن: تۈركىيە ئەمدىلىكتە ئويۇن بۇزغۇچى ئەمەس، ئويۇن قۇرغۇچى دۆلەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن كۈچلۈك بىر ئاتلىنىش بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ تۈركىيە دەۋرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «چۈنكى تۈركىيە راستىنلا بۇرۇنقى تۈركىيە ئەمەس، ھەقىقەتەن چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەتتۇر، بۈگۈنكى كۈندە، پەقەتلا ئويۇن بۇزغۇچى ئەمەس، ئويۇن قۇرغۇچى بىر دۆلەتتۇر. يالغۇز مۇقىملىق ئارىلىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچتۇر» دېدى.

ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلدىن 2021-يىللىغىچە ئىستراتېگىيەلىك باھالاش ۋە 2022-يىلدىن 2023-يىللىق نىشان/ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئىستىقبال خىزمەت سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلدى.

فاخرەتتىن ئالتۇن يىغىندا، «تۈركىيەنىڭ ئالاقە ئەندىزىسى: 2023- ، 2053- ۋە 2071-يىللىق نىشانى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

فاخرەتتىن ئالتۇن 2019-يىلىدا كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي دۆلەتلەر چېكىنگەن ۋەزىيەتتە، مۇقىم باشقۇرۇش سىسىتېمىسى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىق جەريانلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان تۈركىيە ئۈچۈن «يەر شارىنىڭ مالىمانچىلىق مۇھىتىدىكى مۇقىملىق ئارىلى» دېگەن تەرىپنى ئىشلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، سەھىيە سىستېمىسى، تاشقى سىياسەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، يەر شارى ماركىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىقتىساد ئەندىزىسى بىلەن رايونغا ۋە دۇنياغا ئۈلگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فاخرەتتىن ئالتۇن يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئەندىزە بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىق بېقىندىلىق زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك قەدەم تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بەرپا قىلغان كۈچلۈك مودېللارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇچۇر – ئالاقىدىمۇ «تۈركىيە مودېلى» غا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن فاخرەتتىن ئالتۇن، بۇ كۈچلۈك مودېللارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا توغرا، ئىشەنچلىك ۋە دەل ۋاقتىدا تەپسىلاتى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى(ت ر ت) مۇدىرىيەت رەئىسى ئەھمەد ئالبايراق، ت ر ت باش دېرىكتورى مەھمەت زاھىد سوباچى، ئاخبارات، ئېلان كېڭىشى باش دېرىكتورى رىدۋان دۇران، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋە باش مۇھەررىر يۈسۈپ ئۆزەن، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى دېرىكتورلىرى، بۆلۈم باشلىقلىرى، رايونلۇق ۋە شۆبە باشلىقلىرى شۇنداقلا خادىملار بىلەن بىرگە يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئاخباراتچىلارمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر