ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ساختا پاسپورت چىقارغان ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىمى قولغا ئېلىندى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا چەت ئەلگە چىقماقچى بولغان سۈرىيە پۇقراسىغا ساختا پاسپورت بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ بېيرۇت كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلومات قولغا ئېلىندى.

1751055
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ساختا پاسپورت چىقارغان ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىمى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 11-نويابىردا، ساختا پاسپورت بىلەن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن گېرمانىيەگە بارماقچى بولغان سۈرىيە پۇقراسىنىڭ پاسپورت تەكشۈرۈشىدە، باشقا كىشىنىڭ پاسپورتى بىلەن چەت ئەلگە چىقماقچى بولغانلىقى بايقالغان.  

تەكشۈرۈۈشتە، سۈرىيەلىك كىشىنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنغاندا ئىشلەتكەن پاسپورتىنىڭ ئامېرىكانىڭ بېيرۇتتىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتقا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

كامېرا كۆرۈنۈشلىرى تەكشۈرۈشلىرىدە، بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئايرودۇرۇمدا ئۇچرىشىپ كىيىم-كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرغانلىقى ۋە سۈرىيە پۇقراسىنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىمىدىن پاسپورتنى ئالغانلىقى ئېنىقلاندى.

باياناتتا، ھەر ئىككى گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «ئۇست – باشلىرىنى ئاختۇرۇشتا، ئامېرىكا پۇقراسىدىن كونۋېرت ئىچىدە 10 مىڭ دوللار ۋە ئۆزىنىڭ نامىدا يەنە بىر دىپلوماتىك پاسپورت چىقتى. ساختا پاسپورت ئىشلىتىپ چېگرادىن چىقماقچى بولغان سۈرىيە پۇقراسى ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن «رەسمىي ھۆججەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش» جىنايىتى بىلەن جازا رەسمىيەتلىرى بىجىرىلىپ قويۇپ بېرىلدى. ئامېرىكا پۇقراسى بولسا، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر