ئەردوغاننىڭ ماسك بىلەن ئېلىپ بارغان سىنلىق ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېسلا ۋە SpaceX نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك بىلەن ئېلىپ بارغان سىنلىق ئۇچرىشىشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەمبەھىرلەندى.

1749099
ئەردوغاننىڭ ماسك بىلەن ئېلىپ بارغان سىنلىق ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئالدىنقى كۈنى ئېلون ماسك بىلەن ئېلىپ بارغان سىنلىق ئۇچرىشىشىدا،  TÜRKSAT 5B سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 19-دېكابىر SpaceX ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە TÜRKSAT 5A سۈنئىي ھەمراھىنىڭمۇ بۇ يىل 1-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز بىر يىلدا 2 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرەلەيدىغان نادىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق. بىز TÜRKSAT 5A سۈنئىي ھەمراھىمىز قويۇپ بېرىلگەندە، بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە، TÜRKSAT 5A سۈنئىي ھەمراھى، يەنى بىر سۈنئىي ھەمراھ  ۋە ئالەم بوشلۇقىغا قارىتا ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ قانداق ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنى نىشان قىلدۇق، دەرۋەقە، ئەدۋلاتلىرىمىز بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇردى، جۈملىدىن، ئەۋلادلىرىمىز، 5 مىڭدىن ئارتۇق رەسىم ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى بىزگە يەتكۈزدى، ھەر بىرى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە گۈزەل بىر ئارزۇ - ئارماننىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ 5 مىڭ پارچە رەسىمنى بىر دىگىتال قىممەتكە، يەنى NFT كە ئايلاندۇرۇپ، TÜRKSAT 5B نى شەكىللەندۈردۇق، بۇ گۈزەل ۋە ھەقىقىي مەنىلىك NFT نى سىلەرگە ھەدىيە قىلماقچىمەن، بالىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدە شەكىللەنگەن بۇ ئۇچقۇن، يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەنىڭ  سۈنئىي ھەمراھ تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە، ئەركىن تېخنولوگىيە ساھەسىدە، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە، تور دۇنياسىدا قەيەرلەردە ئورۇن ئالىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

ئېلون ماسكمۇ، NFT سوۋغىسى ئۈچۈن ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەردوغان بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن شان - شەرەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ماسك، تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر