تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ،   تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1748617
تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەرەن قىش – 8» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ماردىننىڭ باگوك تاغلىق رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان ئالتە تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى «ھىرا» تەخەللۇسلۇق دەنىز ئوراك ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ،  ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قىش – 8» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى ماردىن ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ نۇسايبىننىڭ باگوك تاغلىق رايونىدا 2021 – يىلى 12 – دېكابىردىن 15 – دېكابىرغىچە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئالتە تېررورچىنىڭ قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى؛ بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ ماردىن رايونىنىڭ ئاتالمىش ۋىلايەت ۋە پۇقراۋى قوغدىنىش قىسىملىرى مەسئۇلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى <مەلۇم قىلغۇچىلارغا ئىككى مىليون لىرا سۆيۈنچ بېرىلىدىغانلىقى> ئېلان قىلىنغان «ھىرا» تەخەللۇسلۇق دەنىز ئوراك ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر