دۆلەت ئىچى - سىرتىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 16 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1747913
دۆلەت ئىچى - سىرتىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورىزمغا قارشى ئۈزلۈكسىز ۋە كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماردىننىڭ باگوك تېغى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 6 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

13 – دېكابىر كۈنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئورتاق ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – گۈلدۈرماما› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، <ئاتاق> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر