تۈركىيە ئىتالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئىتالىيەنىڭ سىجىليا ئارىلىدىكى تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1746482
تۈركىيە ئىتالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «سىجىليا ئارىلىنىڭ راۋانۇسا يېزىسىدا تەبىئىي گاز پارتلاش سەۋەبىدىن نۇرغۇن بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا: «بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز، دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورايمىز» دېيىلدى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرى سىجىليا ئارىلىنىڭ راۋانۇسا يېزىسىدا ئەتىگەندە يۈز بەرگەن تەبىئىي گاز پارتلاشتا، 3 ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە 3 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پارتلاش سەۋەبىدىن خارابىلىكن ئاستىدا قالغان 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 7 كىشى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر