شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى
شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك غا ئەزا توققۇز تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
1746543
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى(MİT) ۋە ئارمىيە قىسىملىرى 9-دېكابىر (2021) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارادا بىرلىكتە ھەرىكەت باشلىغان.
ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك نىڭ توققۇز ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان.