تۈركىيەنىڭ ئۇچۇش تورى 335 نۇقتىغا يەتتى

«دۇنيانىڭ قاتناش مەركىزى» گە ئايلىنىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە تۈركىيە بۇ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇۇرپ، 2002-يىلدىن بۇيان ئاۋىياتسىيە سىياسىتى رامكىسى ئىچىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

1744044
تۈركىيەنىڭ ئۇچۇش تورى 335 نۇقتىغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە سېلىنغان مەبلەغ ۋە بۇ ساھەدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيە دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە 2020-يىلى يولۇچى توشۇش جەھەتتە دۇنيا بويىچە 7-رەتكە، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە 2-رەتكە تىزىلدى.

2003-يىلى 50 دۆلەتتىكى 60 نۇقتىغا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە، بۇ يىل ئۇچۇش نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى 128 دۆلەتتە 335 كە يەتكۈزۈپ، «دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇش تورى» غا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

تۈركىيەنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدە دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان يېڭى دەۋرى بولسا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق باشلاندى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ،  توسالغۇسىز ۋە يېشىل ئايرودۇرۇم، 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

ئۆتكەن يىلى، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، ياۋروپادىكى يولۇچىلار قاتناش رەت تەرتىپىدە بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر