تۈركىيە ب د ت نىڭ «يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىلگاھى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى، تۈركىيەدىن نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ مۇستافاپاشا يېزىسى بىلەن ساكاريا ۋىلايتىتىنىڭ تاراقلى ناھىيەسىنى «يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىلگاھى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى.

1742364
تۈركىيە ب د ت نىڭ «يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىلگاھى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ساياھەتچىلىكنى يېزا – كەنتلەرنى تەرەققىى قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، بۇ يىل «ئەڭ ياخشى يېزا – كەنت ساياھەت خىزمىتى» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى،  تۈركىيەدىن ئىككى يېزا – كەنتنى «ساياھەت مەنزىلگاھى» قىلىپ تاللىدى.

نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ مۇستافاپاشا يېزىسى بىلەن ساكاريا ۋىلايتىتىنىڭ تاراقلى ناھىيەسى، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت  دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 24 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە «يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىلگاھى» ماكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش رىقابىتىدە، 32 دۆلەتتىن جەمئىي 44 يېزا – كەنتكە، ئۆزىگە خاس تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، بۇرۇندىن تارتىپلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، سىجىل ۋە كەڭ دائىرىلىك يېزا - كەنت ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلى، «ساياھەت مەنزىلگاھى» ئۇنۋانى بېرىلدى.

تۈركىيەدىن  نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ مۇستافاپاشا يېزىسى بىلەن ساكاريا ۋىلايتىتىنىڭ تاراقلى ناھىيەسى، بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنغان 75 دۆلەتتىن  175  يېزا – كەنت ئىچىدىن تاللىنىپ، بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن ساياھەت مەنزىلگاھلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر