92 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاقلى نويابىر ئېيىدا 92 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1742557
92 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاتاقلى، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئايلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، نويابىر ئېيىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن  ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، بىرى «يېشىل كاتېگورىيە»، بىرى «ئاپېلسىن رەڭلىك كاتېگورىيە»، يەنە بىرى «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىن  3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 92 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نويابىردا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، 15 ى چوڭ تىپتىكى، 65 ى ئوتتۇراھال تىپتىكى بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 900 ھەربىي ھەرىكەت، شەھەرلەردە بولسا 1382 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.»

تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مەلۇمات بەرگەن چاتاقلى، نويابىردا، 3 مىڭ 592 سى دېڭىزلاردا بولۇپ، جەمئىي 19 مىڭ 587 قانۇنسىز كۆچمەن ۋە 832 تەشكىللىگۈچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر