تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت پاراخوتى قاتنىشى قايتا باشلاندى
تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت پاراخوتى قاتنىشى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا باشلاندى.
1742207
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەت پاراخوتى قاتنىشى يۈك ۋە ئاپتوموبىل توشۇش ئۈچۈنمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئايرىم – ئايرىم ئىككى پاراخوت بىلەن لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرى بىلەن ئىزمىر شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سىناق پاراخوت سەپەرلىرىدە، يۈك، ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلار توشۇلىدۇ. تۈركىيە-لىۋىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سەپەر ئۇدا 2 كۈن داۋاملىشىدۇ.
بۇ دائىرىدە، لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرىدە، ئىككى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق تۇنجى پاراخوت تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويۇلدى.