ئەردوغان مالكولم ئىكس قىزىنىڭ  دەپنە مۇراسىمىغا گۈلچەمبىرەك يوللىدى

ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋوللۇق شەخسلىرىدىن بىرى بولغان ئافرىقالىق مۇسۇلمان رەھبەر مالكولم ئىكس (ئەلھاج مالىك ئەل شاباز) نىڭ قازا قىلغان قىزى مەلىكە سابان شابازنىڭ مېيىتى نىيۇ يوركتا دەپنە قىلىندى.

1739739
ئەردوغان مالكولم ئىكس قىزىنىڭ  دەپنە مۇراسىمىغا گۈلچەمبىرەك يوللىدى
Malikah Saban Shabazz cenaze.jpg
Malikah Saban Shabazz cenaze1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ-يوركنىڭ برۇكلىن شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن مالكولم ئىكسنىڭ قوشكېزەك قىزلىرىدىن مەلىكە شابازنىڭ دەپنە مۇراسىمى11-ئاينىڭ 22-كۈنى مەنخاتتوندىكى نىيۇ يورك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوقۇلغان جىنازە نامىزىدىن كېيىن، 1965-يىلى قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان دادىسى دەپنە قىلىنغان فېرنكلىف قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

ئىسلام ئۇسۇلى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان دەپنە مۇراسىمىغا، مالكولم ئىكس نىڭ ھايات قىزى ۋە نىيۇ يوركنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق تېگى ئافرىقالىق ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر قاتناشتى.

دەپنە مۇراسىمىغا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىنچى مەرجان بىلەن نىيۇ يوركنىڭ باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۇرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان دەپنە مۇراسىمىدىن ئىلگىرى مالكولم ئىكسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ: «مالكولم ئىكس پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن تونۇلغان پەۋقۇلئاددە شەخستۇر، جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ مالكولم ئىكسنىڭ قىزىنىڭ ۋاپاتىغا ئالاقىدار تۇغقانلىرىغا بىلدۈرگەن تەزىيەنامىسىنى يەتكۈزدۇق» دېدى.

باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا يوللىغان تۈركىيە بايرىقى سىمۋوللىرى ئورۇن ئالغان گۈلچەمبىرەك ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر