يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئىزمىزدىكى ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىزمىردىكى جەنۇبىي دېڭىز ساھەسى قومانلىقىدىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1739317
يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئىزمىزدىكى ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك مۇسا ئاۋسەۋەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈكئاقيۈز بىلەن بىرلىكتە ئەگە ئارمىيەسى قوماندانلىق مەركىزىدىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىز ساھەسى قوماندانلىقىغا باردى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار گېنېرال قادىر يىلدىز تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى، مىنىستىر ئاقار ئەسكەرلەرگە سالام بەردى ۋە خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى.

قوماندانلىقنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن ئاقار، ھەربىي قىسىمنىڭ رايوندىكى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر