تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 208 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 208 كىشىىگە يەتتى.

1737872
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 208 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 365 مىڭ 412 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 28 مىڭ 170 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 29 مىڭ 353 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 19 مىليون 602 مىڭ 103 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر