ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1735724
ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا تىنچلىق، خۇشپېئىللىق ۋە بىرلىكتە ياشاش مەدەنىيىتىنى قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر