«ئەرەن قىش – 4» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ھاققارىدا 1240 خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قىش – 4 شېھىت ئالاھىدە ساقچى خادىمى ئىبراھىم دوغۇ قازان ۋادىسى – خان يايلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1734461
«ئەرەن قىش – 4» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى» قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا بارلىقى ئانالىز قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتىن، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلەردىن تەشكىل تاپقان 1240 خادىم ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر