ئۇرلا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر تۈركۈم كۆچمەنلەر قۇتۇقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ ئۇرلا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قوغلانغان 33 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل خەۋپسىزلىك قوماندانلىق ئىشتابى بىر تۈركۈم كۆچمەنلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ساھىل خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۇرلا دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر يەل قولۋاقتا كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.
گىرېتسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قوغلانغان 33 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ئىزمىر ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى مىڭدىن ئاشتى
قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە 1541 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

قاھرامانماراشتا يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى
قاھرامانماراش ۋىلايتىنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدە يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.