تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 196 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 196 كىشىىگە يەتتى.

1731715
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 196 كىشى قازا قىلدى

 

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 359 مىڭ 560 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 28 مىڭ 662 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 859 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 117 مىليون 723 مىڭ 821 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر