مۇستافا شەنتوپ ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 83 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 83 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1731736
مۇستافا شەنتوپ ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 83 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئۇچۇرىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ تۇنجى رەئىسى، مىللىي كۈرەشنىڭ باش قوماندانى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 83 - يىللىدا ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستاپا شەنتوپ غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى چۈشىنىشنىڭ «ئۇنىڭ تۈرك مىللىتى بىلەن بىرگە يەتتە دۆلەتكە قارشى كۈرەشتىكى رەھبەرلىكىنى ئۈلگە ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تولۇق مۇستەقىللىق، شەرەپلىك كەلگۈسى، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە تەرەققىيات مىراسلىرىنى قوغداش»  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئاتاتۈرك مىللىتىمىزنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇش غايىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بىر رەھبەردۇر. ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يالغۇز ۋەتەننىلا ئامانەت قىلغان بولماستىن، بىز دائىم جان بېرىشكە تەييار تۇرغان مىللىي بىر ئىدىيە ۋە مىللىي ئىرادىنىمۇ مىراس قالدۇردى. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا مالىمانچىلىق ئىچىدە تەۋرىنىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، دۆلىتىمىز تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە كەلگۈسىگە قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇ پەقەت ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي كۈرەش قەھرىمانلىرى ئالدىمىزغا قويغان نىشان ۋە تەسەۋۋۇر شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان قەتئىي ئىرادىلىك كۈرەشلىرىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشماقتا. ھەممەيلەن شۇنى ياخشى بىلىشى كېرەككى، مىللىتىمىز تولۇق مۇستەقىللىق ۋە يېڭىدىن بۈيۈك تۈركىيە غايىسى يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن يول يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر