مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىزابېت ترۇس بىلەن كۆرۈشتى.
1732068
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ ترۇس بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، بىر قىسىم رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.