تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شەرقىي ئاقدېڭىز ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «2021 – يىللىق شەرقىي ئاقدېڭىزغا تەكلىپ» ناملىق ھەربىي مانىۋېر باشلاندى.

1728324
تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شەرقىي ئاقدېڭىز ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي مانىۋېر دائىرىسىدە، كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسىدىكى «ئاقساز دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى» دا تۇرۇشلۇق «TCG Bayraktar» ناملىق پاراخوت ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، لېيتېنانت پولكوۋنىك جۈنەيت تالايمان، 1-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانىۋېرنىڭ نىشانىنىڭ، كۆپ دۆلەتلىك ئورتاق بىر كۈچ ھەم رەسمىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئاممىۋى رېئاللىق ئاساسىدا سىناق قىلىش ئىكەنلىكىنى،  مانىۋېرغا، 10 دۆلەتتىن 35 پاراخوت ۋە 5 مىڭ خادىمنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەربىي مانىۋېر  دائىرىسىدە، 2023-ۋە 2028-يىللىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاقابىل تۇرۇش قىسمىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئوخشىغان مۇھىم ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى پىلانلىنىۋاتقان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىشىنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن تالايمان، مانىۋېر غا يەنە، بەھرەين، ئىراق، ئىيوردانىيە، لىۋىيە، نىگېرىيە، پاكىستان، ئۇممان ۋە ئۇكرائىنادىن 11 كۈزەتكۈچىنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجاندىن 1 Boarding  ئەترىتى، پاكىستاندىن بىر قوغدىغۇچى پاراخوت  بىلەن بىر سۇ ئاستى زەربىدارلار ئەترىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىمىي ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسى  -2 (SNMG-2)  دىن بىر قاراۋۇلخانا پاراخوتى ۋە 3 مىنا تازىلاش پاراخوتى،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى (MARCOM) نىڭ بىر 1 ۋەكىلى مانىۋېر قاتنىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر