ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1724849
ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆزبېكىستاندا قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مىرزىيويېۋنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە بۇنىڭ قېرىنداش ئۆزبېكىستان خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىن ئۇزۇقلىنىدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋلەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىغا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنىڭ ھەمكارلىق ۋە سەمىمىيەت ئاسسىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، يەنە تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىششىگە  تۆھپە قوشىدىغان شەكىلدە ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر