ئانگېلا مېركېل تۈنۈگۈن ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تۈنۈگۈن (2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىدى.

1720786
ئانگېلا مېركېل تۈنۈگۈن ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت تۋىتتېردا باش مىنىستىر مېركېلنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
ئۇچۇردا: «تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر… جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر مېركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.  ئۇچرىشىش (ئىستانبۇل) دا تارىخى تارابيا رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى» دېيىلدى.
مېركېل ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھۇبەر سارىيىدىكى سەمىمىي ھالدا چۈشكەن فوتوگرافلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئۇچۇردا، مېركېلنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىدىن خۇلاسىلەر ھەمبەھىرلەندى.
ھەبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا: «باش مىنىستىر مېركېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئوخشىمىغان تېمىلاردىن باشقا يەنە، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك خەلقى ھەققىدە شۇنداقلا كىلىماتنى قوغداشنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر