ئەردوغان خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيەنىڭ لاھېي شەھىرىدىكى ئەلچىخانا بىناسىدا بىر يەرگە جەم بولغان خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلدى.

1720045
ئەردوغان خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق گوللاندىيەنىڭ لاھېي شەھىرىدىكى ئەلچىخانا بىناسىدا بىر يەرگە جەم بولغان خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكى رەھبەرلىرىگە قىلغان خىتابىدا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھەم ئۈنۈملۈك ھەم ئىنتايىن خەيىرلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، سىلەرنى تەبرىكلەيمەن، دۆلىتىمىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا مۇشۇنداق مۇھىم بىر يىغىلىشنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈمگە، مىللىتىمگە، پارتىيەم (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) گە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا، ھەردائىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر