63 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى بۈگۈن ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۇنجى قېتىملىقى 2012 – يىلى 12 - مارتتا باشلانغان تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ 63 - نۆۋەتلىكى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1715348
63 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى بۈگۈن ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ 63 – نۆۋەتلىكى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى سۆھبەت ئارقىلىق ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.

تەرەپلەر تۇنجى قېتىم 2012 – يىلى 12 - مارتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئەنقەرەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاپ ئۇنى تاكى 2016-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق گىرېتسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن سۆھبەت بەش يىل 5 يىل توختىتىپ قويۇلغانىدى.

تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى 25-يانۋار ئىستانبۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى 3-ئايدا گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنا (ئافېنا)دا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر