قەندىل رايونىدا پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كەركۈك مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلدى

ئىراقنىڭ قەندىل رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كەركۈك ساھە ئىشلىرى مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلدى.

1713378
قەندىل رايونىدا پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كەركۈك مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ ئاتالمىش كەركۈك ساھە ئىشلىرى مەسئۇلى «دەلىل سىئىرت» لەقەملىك تېررورچىنىڭ، ئىراقنىڭ قەندىل رايونى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ قەندىل رايونىغا قارىتا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ، 2015 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ  سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىدىكى پۇقرالار نىشان قىلىنغان كۆپلىگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشقانلىقى، 2016 – يىلى ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە  PKK/KCK باشقا دۆلەتلەردىن كەلتۈرگەن ۋە تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا / ئېغىر تىپلىق قورال - ياراغ ھەم ئوق – دورىلارنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى ۋە ئاتالمىش قەندىل ساھەسى ئىدېئولوگىيەلىك ساھە مەسئۇلى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر