ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتى، ئامېرىكا، پ ك ك / ي پ گ قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئامېرىكالىق (برېت) ماكگۇرك دەيدىغان بىر ئادەم بار. بۇ كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىدۇ» دېدى.

1712828
ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتى، ئامېرىكا، پ ك ك / ي پ گ قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سوچىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان سوچىدىكى خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلاش مەسىلىسى ھەمدە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە قارار قىلغان سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە بەل قويۇۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدىن قايتىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، «400 مىڭى ئىدلىب رايونىغا بولۇپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرت – ماكانلىرىغا قايتتى. بۇ ئىجابىي تەرەققىيات. بۇ ساننى كۆپەيتىش ۋە بىز دۆلىتىمىزدە مېھمان قىلغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرتلىرىغا خاتىرجەم قايتىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى سىجىل داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ئالاھىدە دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرگەن يەنە بىر تېما (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك / ي پ گ نىڭ موسكۋادا بولۇشى ئىدى. بۇنى ئۇلارغا ئەسلىتىپ ئۆتتۈم. ئوخشاشلا بۇ تەشكىلات ئامېرىكادىمۇ ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىندى. بۇ يەردىمۇ بۇلارغا بولغان قىزىقىش – ئەپسۇسكى، يۇقىرى دەرىجىدە. «مەلۇم، ئامېرىكالىق (ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كوردىناتورى برېت) ماكگۇرك دەيدىغان بىر ئادەم بار. بۇ كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بۇ كىشى پ ك ك / ي پ گ / پ ي دنىڭ باشقۇرغۇچىسىدەكلا ھەرىكەت قىلماقتا. ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم بىرىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام قىلىدۇ. بۇنىمۇ بىلىمىز. بىراق بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇ يەرلەردە قول تۇتۇشۇپ يۈرگەن ئادەم. مەن تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر رايوندا بۇنىڭ ئۇلار بىلەن قولموقۇل ئايلىنىپ يۈرۈشى مېنى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام قىلماقتا. ھازىرمۇ ئۇنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرگە بولۇشى، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھامان بىر كۈنى ئامېرىكا بۇ يەردىن چىقىپ كېتىپ، بۇ يەر سۈرىيە خەلقىگە بېرىلىشى كېرەك. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك، دېدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر