تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن-13» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

1712910
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ بەستلەر/دەرەلەر رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان ئىككى تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى زاگروس تەخەللۇسلۇق مەھدى ئۇيسال ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن-13» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىرناقنىڭ بەستلەر / دەرەلەر رايونىدا 2021 – يىلى 22 – سېنتەبىر ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى. ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ ئاتالمىش شىرناق رايونى بوتان ئۆلكىسى مەسئۇلى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى «مەلۇم قىلغۇچىلارغا 500 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان» زاگروس تەخەللۇسلۇق مەھدى ئۇيسال ئىكەنلىكى؛ تېررورچىنىڭ 2015 – 2016 – يىللىرى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەندەك كولاش، توسۇقلارنى ياساش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر