تۈركىيە خەلقئارالىق مەكتەپ تورى بويىچە دۇنيادا ئالدىنقى 5 دۆلەتنىڭ بىرىسىگە ئايلاندى

تۈركىيە مائارىپ فوندى (TMV) نىڭ خەلقئارا مەكتەپ تورى ئارقىلىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى بەش دۆلەتنىڭ بىرىسىگە ئايلاندى.

1712115
تۈركىيە خەلقئارالىق مەكتەپ تورى بويىچە دۇنيادا ئالدىنقى 5 دۆلەتنىڭ بىرىسىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مائارىپ فوندى (TMV) باشلىقى پروفېسسور دوكتور بىرول ئاقگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاسىيادىن ئافرىقاغىچە، شىمالىي ئامېرىكادىن ياۋروپاغىچە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئاۋىستىرالىيەگىچە، 6 قىتئەدە جەمئىي 44 دۆلەتتە كەڭ كۆلەملىك مائارىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ  فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغىنىغا بەش يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرول ئاقگۈن تۈركىيە مائارىپ فوندى (TMV)  نىڭ 44 دۆلەتتە 377 مەكتىپى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئوقۇۋاتقان 45 مىڭ ئوقۇغۇچىمىز بار، بۇ سان بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى 5700 ئەتراپىدا. مەكتەپلىرىمىزدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتىدۇ » دېدى.

بىرول ئاقگۈن تۈركىيە مائارىپ فوندى (TMV) مەكتەپلىرى جايلاشقان 44 دۆلەتتىن 24 ىنىڭ ئافرىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرول ئاقگۈن تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەكتەپ تورى جەھەتتە فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىرول ئاقگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە مائارىپ فوندى ئۈچۈن 193 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىشنى نىشان قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئويلىشىپ، بۇ نىشاننى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر