تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 228 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 228 كىشىىگە يەتتى.
1710905
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 341 مىڭ 221 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 25 مىڭ 861 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 875 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 107 مىليون 850 مىڭ 664 كە يەتتى.