ئەردوغان نيۇيوركتا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1708910
ئەردوغان نيۇيوركتا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭى سېلىنغان تۈرك ئۆيىدە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو، گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى، گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى ئۇمارو سىسكوكو ئېمبالو ۋە پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجې دۇدا قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان بۇ ئۇچرىشىشلاردىن ئىلگىرى كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ ۋە سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخور بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر