تۈركىيە: لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە لىۋاندا 10 – سېنتەبىر كۈنى قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1708599
تۈركىيە: لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «لىۋاندا نەجىب مىيقاتى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ئىچكى كابىنېتنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، ئارىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ لىۋان دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا ۋە لىۋان ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان چارە – تەدبىرلەرنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.»

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ لىۋان خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر