گراندى: تۈركىيە دۇنياغا ئۆرنەك بولۇۋاتىدۇ

ب د ت ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى (Filippo Grandi) نىڭ تۈركىيەنى «موھتاجلىقتا قالغان بارلىق كىشىلەرنى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى» سەۋەبىدىن مەدھىيەلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1705746
گراندى: تۈركىيە دۇنياغا ئۆرنەك بولۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى تۈركىيەنى «موھتاجلىقتا قالغان بارلىق كىشىلەرنى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى» سەۋەبىدىن مەدھىيەلەپ: «تۈركىيە قانداق ساھىبخانلىق قىلىشنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن دۇنياغا ئۈلگە بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، گراندىنىڭ تۈركىيەدە ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا: «ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى تۈركىيەنى موھتاجلىقتا قالغان بارلىق كىشىلەرنى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى سەۋەبىدىن ماختىدى» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ 3.7 مىليون سۈرىيەلىككە ۋە كۆپىنچىسى ئافغانىستاندىن كەلگەن باشقا 330 مىڭ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، گراندىنىڭ مۇساپىر ۋە كۆچمەنلەرنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ، ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشىدە كۆرسەتكەن قەتئىي ئىرادىسى سەۋەبىدىن تۈركىيەنى ماختىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، گراندىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مۇساپىرلارنى مۇھىم پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە پەقەت مىليونلارچە مۇساپىرنى داۋاملىق قوغداپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇلارغا قانداق ساھىبخانلىق قىلىشنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەنمۇ دۇنياغا ئۈلگە بولۇۋاتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، گراندىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قانۇنىي ئىشلەش پۇرسەتلىرى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەكشۈرۈشى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بۇ ھەقتە قەدەم تاشلىشى كېرەك. پەقەت مۇساپىرلارغىلا ئەمەس، بەلكى مۇساپىرلارغا مەرتلەرچە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە خەلقىنىمۇ قوللىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر