ئوكتاي 10-قېتىملىق بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي 10-قېتىملىق بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنى دائىرىسىدە قىرغىزىستانغا يېتىپ باردى.

1705468
ئوكتاي 10-قېتىملىق بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قىرغىزىستاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىم بىلەن، سانائەت، ئېنېرگىيە، قاتناش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئورمان ۋە ساياھەتچىلىك ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىمزالىنىدىغان كېلىشىم مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئۇ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. شەرىپىگە بېرىلگەن تاماق زىياپىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا، قىرغىزىستاندا قۇرۇلۇشى تاماملانغان مائارىپ بىناسىنىڭ ئېچىلىشىغىمۇ قاتنىشىدۇ.

بۇ جەرياندا، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا قارشى كۈرىشى دائىرىسىدە  ئىئانە قىلغان 150 مىڭ دانە شىشە سىنوۋاك ۋاكسىناسى پايتەخت بىشكەككە يېتىپ كەلدى.

ۋاكسىنانالارنى ئېلىپ كەلگەن ئايروپىلان ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قىرغىزىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئالىمقادىر بەيشەنالىيېۋ ۋە تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت سادىق دوغان تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

مىنىستىر ئالىمقادىر بەيشەنالىيېۋ تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، سىنوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەملىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر