سۈرىيەدە 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1704556
سۈرىيەدە 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قەھرىمان كوماندىر – جەڭچىلىرىمىز تېررورچىلارغا يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربە بەردى. سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 13 تېررروچى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇتۇقلۇق مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر