ت ر ت باگرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدا بىر كېچىدە بوشاتقان ئافغانىستاندىكى باگرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى تۈرمە كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى.

1702351
ت ر ت باگرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹TRT Haber› تېلېۋىزىيە قانىلى»، پايتەخت كابۇلدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ۋە كۆپلىگەن ئافغانىستانلارنىڭ ئېڭىدا ناچار ئىزلارنى قالدۇرغان باگرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى تۈرمىگە كىرىپ، يېقىن مەزگىلگىچە ئافغان مەھبۇسلار قالغان كامېرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى.

سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە، ئافغانلار، تۈرمىدە قاتتىق تەن جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقلىرىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ بازىنى تەرك ئېتىشىدىن كېيىن، ئىشىكلەرنى بۇزۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكلىرىنى بايان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر