ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ 31 – ئاۋغۇست مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1700275
ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت قىرغىزىستاننىڭ 31 – ئاۋغۇست مۇستەقىللىق كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، تۈركىيە خەلقى نامىدىن قىرغىزىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا سالاملىرىمىزنى، سۆيگۈلىرىمىزنى سۇنىمەن، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى، پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر