ئەردوغان: تۈركىيە قايتىدىن قەد كۆتۈرمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرق بىلەن غەربكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مەدەنىيەتلەرنى باغرىغا باسقان، قوبۇل قىلغان بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋارىسى سۈپىتىدە قايتىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1697725
ئەردوغان: تۈركىيە قايتىدىن قەد كۆتۈرمەكتە
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مالازگىرت زەپىرى» نىڭ 950 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «مالازگىرت فەتىھ پىروگراممىسى» دا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئىلھامىنى شانلىق ئۆتمۈشىمىزدىن ئېلىپ، نەزىرىنى يېرىم ئەسىر، بىر ئەسىردىن كېيىنكى دۇنياغا قاراتقان بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نىشانىمىزنى، ياشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە غەلىبە مەنزىلگاھىغا يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر، دۇنيانىڭ يەر شارىۋى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپى قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان بۇ دەۋردىن، مۇقىملىق ۋە ئىشەنچ مۇھىتىنى قوغداش ئارقىلىق بەھرىمەن بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتەلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر