ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلىق مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلىق مۇنبىرى (ICYF) نىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى.

1697109
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلىق مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلىق مۇنبىرىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، مۇنبەرنىڭ باشلىقى تاھا ئايخان تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيە دوكلاتىنى ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىغا يوللايدۇ.

جەمئىي 56 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان يىغىندا، مۇنبەرنڭ ئىسلام ھەمكارلىقى ياشلىق ئىستراتېگىيەسى، ياشلىقنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي كۈچەيتىش، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە، تور شەكىللەندۈرۈش، مۇھىت ۋە نىشان تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇ ساھەلەردە تۈزۈلگەن لايىھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ۋە كونكرېت تەدبىرلەر، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر