سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان تۈركىيە ئالاھىدە ئەترەتلىرى، 8 ى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، بىرى «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 9 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت مىقياسىدىمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، شىرناق ۋىلايىتىنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچىنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.