چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1696760
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافغانىستاندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بلىنكېن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقىمىز، ھەمدە پۇقرالىرىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىزنىڭ بىخەتەر ۋە سىستېمىلىق ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت، شۇنداقلا رايوندىكى ناھايىتى قىممەتلىك ھەمراھتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر