تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 232 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 232 كىشىىگە يەتتى.

1696092
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 232 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 282 مىڭ 528 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 18 مىڭ 857 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 15 مىڭ 833 كىشىگە يەتتى.

تۈكىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 89 مىليون 651 مىڭ 157 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر