تۈركىيە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن 8 – دۆلەت بولدى

تۈركىيە دۇنيا بويىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن 8 – دۆلەت بولدى.

1696329
تۈركىيە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن 8 – دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 5 مىليارد شېشىدىن ئاشتى.

تۈركىيەدە ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 89 مىليون 812 مىڭ 875 شېشىگە يەتتى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە دۇنيا بويىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن 8 – دۆلەت بولدى.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋاكسىنىسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار رەتلەنگەن «Ourworldindata.org» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 1 مىليارد 960 مىليون شېشە ۋاكسىنا بىلەن، ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن دۆلەت بولغان؛ خىتايدىن قالسا، ھىندىستان 582 مىليون 240 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 2 – رەتكە، ئامېرىكا 363 مىليون 270 مىڭ  شىشە ۋاكسىنا بىلەن 3 - رەتكە، بىرازىلىيە 178 مىليون 550 مىڭ  شېشە ۋاكسىنا بىلەن 4 - رەتكە، ياپونىيە 118 مىليون 310 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 5 - رەتكە، گېرمانىيە 99 مىليون 630 مىڭ  شېشە ۋاكسىنا بىلەن 6 - رەتكە، ھىندونېزىيە 89 مىليون 830 مىڭ  شېشە ۋاكسنا بىلەن 7 - رەتكە، تۈركىيە 89 مىليون 812 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 8 – رەتكە، ئەنگلىيە  89 مىليون 500 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 9 - رەتكە، فىرانسىيە 83 مىليون 940 مىڭ  شېشە ۋاكسىنا بىلەن 10 - رەتكە، مېكسىكا 80 مىليون 890 مىڭ  شېشە ۋاكسىنا بىلەن 11 - رەتكە، رۇسىيە 76 مىليون 960 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 12 - رەتكە، ئىتالىيە 75 مىليون 620 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 13 - رەتكە، ئىسپانىيە 63 مىليون 590 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 14 - رەتكە، كانادا 52 مىليون 510 مىڭ شېشە ۋاكسىنا بىلەن 15 – رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر