ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 10 تېررورچى، ھاۋا ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىندى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا بېسىپ كىرىپ ۋەيران قىلدۇق، قىلىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.