«تالىباننىڭ سىگناللىرىغا ئىجابىي قاراۋاتىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تالىباننىڭ سىگناللىرىغا ئىجابىي قاراۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1692549
«تالىباننىڭ سىگناللىرىغا ئىجابىي قاراۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسافەدىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېتىپ بارغان ئىيوردانىيەدە، ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تالىباننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر بىلەن دىيالوگ ئورنىتىۋاتىمىز، ھازىرغىچە تالىبان تەرىپىدىن بېرىلگەن سىگناللارغا ئىجابىي قاراۋاتقانلىقىمىزنى بايان قىلىشنى خالايمىز، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، تىنچلىقى ۋە ھۇزۇرىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

رايوندىن قاپسىلىپ قالغانلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ،پەقەت ئۆز پۇقرالىرىمىزنىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىمۇ بىخەتەر جايلارغا يۆتكەش پائالىيەتلىرىگە ياردەمچى بولۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر