تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئافغانىستانغا ئۇچۇشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئافغانىستانغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختاتتى.

1691754
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئافغانىستانغا ئۇچۇشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئافغانىستانغا ئۇچۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يوللانغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ 324 يولۇچىنى ئېلىپ، بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14:20 دە ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر